ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مالتا زۇڭتۇڭى ۋېللا بىلەن تېلېفونلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-11 17:00

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-يانۋار چۈشتىن كېيىن مالتا زۇڭتۇڭى ۋېللا بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالتا ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن قەدىناس  ياخشى دوستلار. يېرىم ئەسىر  ئىلگىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو-مالتا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق بەرپا قىلغان. 50 يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو-مالتا مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ۋە يېڭى  تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلار ئالدىدا، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر-بىرىنى قوللىدى. جۇڭگو-مالتا مۇناسىۋىتى چوڭ-كىچىكلىكى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تارىخىي مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مالتا پات ئارىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ. جۇڭگو مالتا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-مالتا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزلىرى تاللىغان تەرەققىيات يولىغا داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىقتىساد-سودىغا مەبلەغ سېلىش، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش، پاكىز ئېنېرگىيە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە جۇڭگو تېبابىتى-دورىگەرلىكى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، ياشلار، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو-مالتا دوستلۇقى جەڭگىۋار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. مالتا جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاكتىپ كۈچ بولۇپ كەلدى. جۇڭگو مالتا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى قوغداپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېلەر ئايدا، جۇڭگو بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ، ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىر نۆۋەتلىك ئاددىي، بىخەتەر، ئېسىل قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، ئولىمپىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بىر نىيەتتە قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو مالتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ۋېللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالتا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئالدىدا تۇرغان پەيتتە سىز بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن سىزنىڭ مالتا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە بەرگەن ئىجابىي باھايىڭىز ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان پىكرىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن. مالتا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقى يېڭى  ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق تۈرلۈك خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىپ، قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەتتا بۇنى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. مالتا  مالتا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. مالتا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ئېلىپ كەلگەن قىممەتلىك پۇرسەتنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىقلارنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مالتا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى 50 يىلدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مالتا  بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوللايدۇ. مالتا ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ. مالتا جۇڭگونىڭ  خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېڭى  تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى ۋاكسىنا ياردىمى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە، يەر شارىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشىغا پائال تۆھپە قوشقانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن!

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مالتا زۇڭتۇڭى ۋېللا بىلەن تېلېفونلاشتى

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالتا ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن قەدىناس ياخشى دوستلار. يېرىم ئەسىر ئىلگىرى،