ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-01-25 16:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇجۇڭ بىلەن 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتىشتى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2021-يىلى جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى، جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلىدى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 13- قۇرۇلتىيىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، ۋىيېتنام خەلقىنى يېتەكلەپ، 13-قۇرۇلتاي قارارىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 13- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەتلەر، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىرداش ئورتاق گەۋدە. ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى تېخىمۇ كېڭەيدى. جۇڭگو ـ ۋىيېتنام پارتىيەلىرى خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2022-يىلىغا نەزەر سالساق، مەن باش شۇجى نۇەن فۇجۇڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن يول باشلاشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھلاردىن ئىبارەت «تۆت ياخشى» روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نۇەن فۇجۇڭ تەبرىك خېتىدە ئۆتكەن بىر يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىش، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە زور ۋەقەلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر مەزگىلدە مەن يولداش باش شۇجى بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رول ئوينىدۇق. خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى، ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى جايلىرىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق، بولۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ بىلەن نۇەن فۇجۇڭ ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان-ئېسەن بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇجۇڭ بىلەن ئۆزئارا چاغانلىق تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى