ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنى تەبرىكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-26 18:56

 شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى، پۈتۈن جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى 

تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق سەپ كۆرسەتتى: كىتاب ئوقۇش-ئىنسانلارنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش، ئەقىل-پاراسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈشتىكى مۇھىم يولى بولۇپ، كىشىنى ئىدىيەۋى ئىلھامغا ئېرىشتۈرۈپ، ئالىيجاناب غايە تىكلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كىشىدە ئۇلۇغۋار روھنى يېتىلدۈرىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىش، سەمىمىي، دۇرۇس بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەن.

شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن كىتاب ئوقۇپ  ۋە ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تەربىيەلەپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى؛ بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە كىتاب ئوقۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئۈمىد قىلدى؛ پۈتۈن جەمئىيەتتە كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان، ياخشى كىتابلارنى ئوقۇيدىغان، كىتاب ئوقۇشقا ماھىر بولغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا تۈرتكە بولۇش، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىتابخۇمار جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىغا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى (دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات مەھكىمىسى)، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەشرىيات ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇردى، يىغىننىڭ باش تېمىسى «يېڭى دەۋرنى چۈشىنىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ يېڭى مۇساپىسى» بولۇپ، يۈرۈشلۈك مۇنبەر، كۆرگەزمە، ئېلان قىلىش ۋە باش تېما پائالىيىتى قاتارلىق ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، نەشرىيات، تارقىتىش ئورۇنلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە يازغۇچىلار، ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنى تەبرىكلىدى

شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى،