ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-04-27 18:55

  شى جىنپىڭ ئارتېمىسىنىن بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئارتېمىسىنىن بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئارتېمىسىنىن-جۇڭگو تۇنجى بولۇپ بايقىغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايرىغان بەزگەككە تاقابىل تۇرىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا، ئۇ بارلىققا كەلگەن 50 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بەزگەك كېسىلىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشىگە ياردەم بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو يەنە دورا بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا ياردىمى بېرىش، بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش مەركىزى قۇرۇش، خادىملارنى تەربىيەلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەر شارىدا ئارتېمىسىنىننى ئىشلىتىشنى پائال كېڭەيتىپ، يەر شارى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نەچچە مىليون كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ، يەر شارىدا بەزگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۇنياۋى تەھدىت ۋە خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى-«دۇنيا بەزگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى». ئارتېمىسىنىن بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، «ئارتېمىسىنىن ئارقىلىق بەزگەككە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىش»-مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، مۇنبەرنى دۆلەتلىك خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، دۆلەتلىك جۇڭگو تېبابەت دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شى جىنپىڭ ئارتېمىسىنىن بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى ھەم ئىنسانىيەت سەھىيە-ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسىنى تەڭ بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇش خەلقئارا مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى