ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ خەلىفەنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-05-18 20:07

 

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفەنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفەنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن زۇڭتۇڭى مۇھەممەدكە تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىدىن زۇڭتۇڭ خەلىفەنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، زۇڭتۇڭ خەلىفەنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ خەلىفە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقىنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. زۇڭتۇڭ خەلىفە ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوستلۇقىغا كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىمۇ بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىلىپ قالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دوستلۇقىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدىغانلىقى ۋە راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ خەلىفەنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىدى

شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ زۇڭتۇڭى خەلىفەنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭىدىن