شى جىنپىڭ تۇرپان شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
باش شۇجى شى جىنپىڭ 14-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇيلۇق، ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭى شەھەر تەۋەلىك باشقۇرۇش رايونى يېڭى شەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتى، يارغول قەدىمىي شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈرۈپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى.
تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت