ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-15 17:28
 

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش مىقدارى ۋە سۈپىتىنى تەڭ ئۆستۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلدى.

 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى! بۇ ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى كۈندىلىك ئىمپورت-ئېكسپورت سودا سوممىسى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ سودا ھەمراھلىرى دۇنيادىكى 230 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى.

1000 قېتىمدىن ئاشتى! بۇ ئېلىمىزنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئايلىق قاتناش سانى. ئېلىمىزنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 56 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ياۋروپادىكى 24 دۆلەتنىڭ 195 شەھىرىگە تۇتاشتۇرۇلدى.

بىر كۈن! بۇ زەيتۇن يېغى، سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پورتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، جۇڭگو بازىرىغا كىرىدىغان ئەڭ تېز ۋاقىت. ھازىرغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى 2017-يىلىدىكى تەخمىنەن تۆت كۈندىن قىسقىراپ، ھازىرقى بىر يېرىم كۈنمۇ يەتمىگەن ۋاقىتقا چۈشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى مۇقىملىق ئاساسىدا ئاشتى، مال سودىسىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشتى، ئۇدا سەككىز پەسىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇسبەت ئاشتى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسى بار تاشقى سودا كارخانىسى 506 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5  ئاشتى؛ سودا قۇرۇلمىسى داۋاملىق ئەلالاشتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ماشىنا ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت ئېكسپورتى  ئېلىمىز ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %49.1ئىنى ئىگىلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ئايرىم %24.8 ۋە %51.1 ئاشتى.

ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى بىر قەدەر كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكىنى نامايەن قىلدى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى تەرەققىيات مۇھىتى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاشقى مەبلەغنى سەرخىللاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت كەسپىنى كۆپەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسىنى كېڭەيتىدۇ.

ئېچىۋېتىش قەدىمى توختىمىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى يولغا قويۇلغان يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ سودا ھەمراھلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى 6 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېلىمىز ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %30 ئىنى ئىگىلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.8 ئاشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە بىرلىكتە قۇرۇشتا پائال ئىلگىرىلەش بولدى. ئېلىمىز 149 دۆلەت ۋە 32 خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن 200 نەچچىنى ئىمزالىدى؛ جاكارتا-باندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىغا رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى، ۋېنگىرىيە ـ سېربىيە تۆمۈر يولى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك مۇھىم تۈرلەر مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىز ئەركىن سودا سىناق رايونى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد-سودا قائىدىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولدى. سىجىل ياخشىلانغان تىجارەت-سودا مۇھىتى ئېلىمىزنىڭ مەبلەغ جەلپ قىلىش كۆلىمى ۋە سۈپىتىدە «قوش يۈكسىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، ئېلىمىزدە يېڭىدىن كۆپەيگەن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 10 مىڭدىن ئاشتى، ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3  ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %42.7 ئاشتى.

تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە】يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇندى