ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ يەر شارى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-07-19 10:39
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يەر شارى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانلار ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شانلىق تېرىقچىلىق مەدەنىيلىكىنى ياراتتى، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. جۇڭگو ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ يەر شارى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئېچىش داۋامىدا قوغداش، پايدىلىنىش داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى قىممىتىنى يەنىمۇ قېزىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يەر شارى مۇھىم يېزا-ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنى شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چىڭتيەن ناھىيەسىدە ئېچىلدى، «ئورتاق يېزا-ئىگىلىك مىراسلىرىنى قوغداپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىندى، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.
تەرجىمان:پاتىگۈل مەمەت
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ يەر شارى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يەر شارى مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.