ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 09:10

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىدا كۆرۈنەرلىك  ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت كۆپ خىل پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە  گۈللەنمە بازار دۆلەتلەر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە ئىنتىلىش، خەلقئارا ئادىللىقنى قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر -بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.

دىققەتنى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك ھەمكارلىق مېخانىزملىرىنىڭ رولى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

ئەردوئان مۇنداق دېدى: تۈركىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەر قايسى ساھەلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى، تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك سودا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تۈركىيەنىڭ «ئوتتۇرا كارىدور پىلانى»  «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى جىپسىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

تەرجىمان:ئىمىنجان ئىسمايىل 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان بىلەن كۆرۈشتى