ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-09-21 09:12

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ تاغ ـ دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ، تەقدىرى بىر ـ بىرىگە باغلانغان، ئىككى دۆلەت ئەزەلدىن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن پاكىستان بىر ـ بىرىگە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. جۇڭگو پاكىستان بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ۋاقىتلىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-پاكىستان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كارىدور قۇرۇلۇشىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك. پاكىستاننىڭ پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە، كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو پاكىستاننىڭ دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە دۇنيا بىخەتەرلىك تەشەببۇسىغا باشلامچىلىق بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، پاكىستان بىلەن بىرلىكتە تەشەببۇسنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ب د ت، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ سۇپىسىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ لاگېرلىشپ قارشىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداشتىكى ھەققانىي ساداسىنى ياڭرىتىشى كېرەك.

شاھباز جۇڭگونىڭ پاكىستاننىڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىغا ۋاقتىدا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە داھىي، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. پاكىستان خەلقى رەئىس شى جىنپىڭغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، جۇڭگونى پاكىستاننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇلۇغ دوستى دەپ قارايدۇ. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

پاكىستان بىر جۇڭگو سىياسىتىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە، شىنجاڭغا، شياڭگاڭغا چېتىلىدىغان يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر قىسىم كۈچلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. پاكىستان-جۇڭگو دوستلۇقى بۇزۇلماس، تەڭداشسىز.

پاكىستان پاكىستاندىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى قوغداپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى داۋاملىق پائال ئورتاق قۇرۇشقا كۈچەپ، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، پاكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۆمۈريول، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

تەرجىمان:بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سەمەرقەنت دۆلەت مېھمانخانىسىدا پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز بىلەن كۆرۈشتى.