ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2022-11-23 18:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندونېزىيەنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ، زور تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋەلىرى ۋە يارىدارلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. ئىشىنىمەنكى، زۇڭتۇڭ جوكو ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلق ئاممىسى چوقۇم ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرت-ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ. 

تەرجىمان: ئىمىنجان

中央广播电视总台 央广网 版权所有