شى جىنپىڭ ۋۇناگىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ باش ۋالىيسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى، لى كېچياڭ سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ زۇڭلىسىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ باش ۋالىيسى ۋۇناگىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سولومون تاقىم ئارىلىدا قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، سولومون تاقىم ئارىلى ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئارىلى بىر-بىرىنى قوللايدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو سولومون تاقىم ئارىلىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قوللاشنى، سولومون تاقىم ئارىلى خەلقىنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ سولومون تاقىم ئارىلىنىڭ زۇڭلىسى سوگاۋارېغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.