ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-12 15:37

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۆزئارا تېلېگرامما يوللاشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 12-كۈنى ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئانگولا باشتىن-ئاخىر سەمىمىي، دوستانە ئۆتۈپ، بىرلىكتە تەڭ ئىلگىرىلەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر-بىرىنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ كەلدى. نۆۋەتتە جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلدى. مەن جۇڭگو-ئانگولا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ لورېنسو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەل ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئانگولانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايمەن.

لورېنسو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئانگولا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نەتىجىلەر كىشىنى مەمنۇن قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن خەلقئارا مەسىلىلەردىكى كۆز قارىشى بىردەك. ئانگولا جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، تەڭ بەھرىلىنىدىغان، تەڭ پايدا ئالىدىغان كەلگۈسىنى بەرپا قىلىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈللىنىپ، تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

شى جىنپىڭ ئانگولا زۇڭتۇڭى بىلەن ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۆزئارا تېلېگرامما يوللاشتى