ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-19 14:22

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ 1-ئاۋغۇست بىناسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەردە ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يۇشيا مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقىنى ئوقۇپ ئۆتتى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خې ۋېيدۇڭ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىق ئۇنۋانىغا ئۆستۈرۈلگەن ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى خۇاڭ مىڭغا بۇيرۇقنامە بەردى. شاڭجياڭلىق پاگونى تاقىغان خۇاڭ مىڭ شى جىنپىڭغا ۋە مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ھەربىي مارشى ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى، ئارمىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىدار ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامە بەردى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شاڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى