ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا قىسىمدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىگەنلىكى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-23 10:33

رەئىس شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈرگەنلىكى، بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيە مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىغا چاغانلىق بەخت تىلىگەنلىكى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن ۋىدېيولۇق سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر بۇنىڭدىن ئىللىقلىق ھېس قىلىپ، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ئۈستىگە ئېلىش ئېھتىمالى بولغان خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئورۇنداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال-خورام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ «1-ئاۋغۇست» بىناسىدا چېگرا، دېڭىز، ھاۋا مۇداپىئەسى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسى، دېڭىز ئارمىيەسى 173-ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈيىنىڭ نۆۋەتچىلىك شۆبە ئەترىتى، قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ۋىدېيولۇق تېلېفونلىشىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى. رەئىش شى جىنپىڭ شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاراۋۇلخانىسىدىكىلەر بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە، ليەندۈينىڭ چېگرا چارلاش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى سوراپ، كۆپچىلىكنى غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى ۋە روھلاندۇردى.

شىنجاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۈەنى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ يېتەكچىسى فېڭ كاڭجى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ليەندۈينىڭ چېگرانى چارلاش، باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئەھۋالىنى سوراپلا قالماي، يەنە بىزدىن سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى، ھەر كۈنى يېڭى كۆكتات يېيەلەيدىغان- يېيەلمەيدىغانلىقىمىزنى سورىدى، بىزنى دۆلەت چېگراسىنى قوغداشتىكى كونا ئىلغار تىپ دەپ ماختىدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ غەمخورلۇقى بىزگە چەكسىز ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى، بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرىسىنى ياخشى قوغداپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چاغاننى خۇشال-خورام، ئىناق، بىخەتەر ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىنىڭ جۇڭشىسى جۇ خاڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، مەن ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۈشمەننى يوقىتىش ئىقتىدارىمنى چېنىقتۇرۇپ، ۋەتەن ئۈچۈن پوستتا ياخشى تۇرۇپ، قاراۋۇللۇقنى ياخشى قىلىپ، چېگرانى ياخشى ساقلاپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ياخشى جەڭچىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولىمەن.

رەئىس شى جىنپىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 173-ئەترىتى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە، ئەترەتنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىش تەييارلىق ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا دېڭىزدا چاغاننى كۈرەشچان ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننىڭ دېڭىز چېگراسىنى ياخشى قوغداشنى تاپىلىدى. دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى چوقۇم ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىمىز.

دېڭىز ئارمىيەسى 173-ئەترىتىنىڭ قوماندانى، چاڭشا پاراخوتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى زو يەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىرىنچى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىسىملارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بىزنىڭ دېڭىزدا چاغان ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىمىزغا كۆڭۈل بۆلدى، چاغانلىق تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سورىدى، كۆپچىلىك ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدى، ناھايىتى غەيرەتكە كەلدى. ئالدىمىزدا ئون مىڭ چاقىرىملىق دېڭىز چېگراسى بار، كەينىمىزدە ئون مىڭلىغان چىراغلار چاقناپ تۇرىدۇ، چاغانلىق ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى زىممىمىزگە ئېلىش ھەم شەرەپلىك بۇرچ، شۇنداقلا تاغدەك مەسئۇلىيەت، بىز مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ دېڭىز چېگراسىنى قەتئىي قوغدايمىز.

ئەترەتنىڭ يىراق دېڭىزدىكى مەشىق ۋەزىپىسىنى ئەمدىلا ئاخىرلاشتۇرغان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ يىنچۈەن پاراخوتى پورتقا كېلىپلا، قورال-جابدۇقلارنى رېمونت قىلىش، ئاسراش خىزمىتىنى دەرھال چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ، ئۇرۇش تەييارلىقى، ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىقىنى ھەر ۋاقىت ياخشى قىلدى. جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى يىنچۈەن پاراخوتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جوۋ جيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ 1-سېپىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىي كۈچ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پاراخوتىمىز پەقەت سەپەرگە چىقىش ۋە سەپەرگە چىقىشقا تەييارلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتتە تۇرىدۇ، بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىشتىكى بوشاشماي تىرىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيار ھالەتتە تۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى مەشىقىنى كۈچەيتىپ، بۇيرۇق بېرىلگەن ھامان ھەر ۋاقىت جىددىي سەپەرگە چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋەتەننىڭ دېڭىز چېگراسىنى قەتئىي قوغدايمىز.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تونۇپ، ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىنى كۈچەيتىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈسىنىڭ نۆۋەتچى شۆبە ئەترىتى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە، شۆبە ئەترەتنىڭ كۈندىلىك ھاۋا مۇداپىئە ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمەت ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلاردىن دائىم تەييار تۇرۇشنى، چاغان مەزگىلىدە ھوشيارلىقنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ھاۋا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكىنى ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى ئىلھاملاندۇردى. ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمى مەلۇم لۈسىنىڭ سىياسىي كومىسسارى خۇا جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى بىر يىلدا، بىز چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۈشمەننى يوقۇتۇش ماھارىتىنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، ھەر ۋاقىت جەڭ قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان، ھەر ۋاقىت جەڭ قىلالايدىغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز. رەئىس شى جىنپىڭ قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەندە، قىسىمنىڭ ئالاھىدە ئۇرۇش ماھارىتى مەشىق ئەھۋالىنى سورىدى، كۆپچىلىككە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى جاپالىق مەشىق قىلىپ، سادىق قوغدىغۇچىلاردىن بولۇشنى تاپىلىدى. قوراللىق ساقچى قىسىم بۈركۈت زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى مى يەنگۇاڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋىدېيولۇق ھال سورىغاندىن كېيىن، بارلىق ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ئارمىيە باش قوماندانىنىڭ بىرىنچى سەپتىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدى، بىز رەئىس شى جىنپىڭ نام ۋە بايراق بەرگەن قىسىم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، چوقۇم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىمىز.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا قىسىمدىكىلەرگە چاغانلىق بەخت تىلىگەنلىكى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار قىسىملاردىن سەمىمىي ھال سورىدى