ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 15:23

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ۋېنگىرىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەلچىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: مەن ۋە رەپىقەم توشقان يىلىدىكى چاغاندا سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشالمىز، 2009-يىلى ۋېنگىرىيە جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان مەنزىرە ھېلىمۇ ئېسىمدە. سىلەرنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە دوستلۇقىغا تۆھپە قوشۇشقا ئىرادە باغلىغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، سىلەرنى ئالقىشلايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەت خەلقى ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ئىگە، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. سىلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جۇڭگوغا كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇڭلارنى قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ۋېنگىرىيە ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىنى ياخشى كۆرۈشىنى، ئۆگىنىشىنى، پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا كېلىپ ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ كۆرۈپ، ھازىرقى جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، تىرىشىپ جۇڭگو-ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەلچىلەردىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى 2004-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى بىردىنبىر خەنزۇ تىلى ۋە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مەكتەپ، ھازىر 12 يىللىقلار بويىچە 20 سىنىپ، مەكتەپتە 530 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. 2009-يىلى 10-ئايدا، شۇ چاغدىكى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. بۇ يىل چاغان ھارپىسىدا، بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن خۇ لىڭيۆ، سۇڭ جىشياۋ پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پىروفېسسور پېڭ لىيۈەنگە خەت يېزىپ، جۇڭگونىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەپ، مەكتەپتە خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن 12 يىللىق تەسىراتىنى بايان قىلىپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ۋېنگىرىيە-جۇڭگو دوستلۇقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يازدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ۋېنگىرىيەدىكى ۋېنگىرىيە-جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ۋېنگىرىيەلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنى جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىپ، جۇڭگو-ۋېنگىرىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەلچىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.