ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-01-31 15:45

شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى 

لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرىستا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندىسنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن رەھبەرلەر يىغىنىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، شۇنداقلا دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرى ۋە تۆھپەكارلىرى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلىنىپ، رايون تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايوننىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىنى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ھەمراھى دەپ قارايدۇ. جۇڭگو دەل مۇشۇنداق ئەسلىي  مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇناسىۋىتىنىڭ باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. رايوندىكى تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى تەرەققىيات تەشەببۇسى ۋە يەر شارى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى قوللاپ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەندىلا ئاندىن خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭگىلى بولىدۇ. جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيەت، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب ئەللىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 7-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ۋىدېيولۇق سۆز قىلدى