ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-02-02 14:14

شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ پېشاۋاردا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاكىستاندا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى  مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلىتىڭلارنىڭ كاپ ئۆلكىسى پېشاۋار شەھىرىدە ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىلانغانلار ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدۇ، بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو پاكىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاكىستان بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەزكۇر رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پاكىستان زۇڭلىسى شاھبازغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى

شى جىنپىڭ پاكىستاننىڭ پېشاۋاردا ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى