ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-15 16:50

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. جايلاردىكى كادىرلار، ئامما بەس-بەستە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەلگۈسى خىزمەتلەردە يېتەكچى قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇپ، شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى نىڭشيا كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جاڭ شېڭلى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ، قۇدرەت تېپىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

دۇنيا بويىچە يىللىق مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ پورت بولغان نىڭبو-جۇشەن پورتىدا، پىرىستان ئىشچىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ، كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. نىڭبو جۇشەن پورتى توپ يەشىك پىرىستانىنىڭ ئىنژېنېرى لى گۈيخاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇلۇغ دەۋردە تۇغۇلغان، دېڭىز پورتى ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قارىتىپ، پورت رايونىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ياشلىق باھارىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان جياڭشى بۇ يىل پىلانلىغان 18 مىليون مو چىلگە شال ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ تازا ئالدىراش مەزگىلىگە كىردى. جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن شەھىرى ۋەنئەن ناھىيەسى جيەنتوۋ بازىرى جيۇدۇ كەنتىدىكى دېھقان شياۋ شىنخۇا يېڭىلا بىخ چىقارغان مايسىلارنى پارنىكقا كۆچۈرۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. شياۋ شىنخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى ئاشۇردى.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھىرىدىكى مەلۇم ئىستانوك شىركىتى ما خېڭچاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كەلگۈسى خىزمەتنىڭ يېتەكچىسى قىلىپ، يادرولۇق زاپچاسلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش بازىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز. «ما خېڭچاڭ گۇرۇپپىسى»نىڭ ئىشچىسى لى ۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلىدى، بىز نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، تۈجۈپلۈك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆز مەھسۇلاتىمىزنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، خەلق ئاممىسى ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەنخۇي مائەنشەن شەھىرى داڭتۇ ناھىيەسى گۇشۇ بازىرى ئاھالىسى ليۇ ۋېيجيې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مېنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىمنى ئاشۇردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەم دۇنيا بازىرى ۋە بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ھەم دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خېڭچىن گۇاڭدۇڭ ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ زىجيەن مۇنداق دېدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ھەمكارلىق رايونى يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ يول ئېچىپ، يېڭى مۇساپىدە ياشلىق باھارىمىز، دەۋرگە يۈز كېلەلىگۈدەك نەتىجىلەرنى يارىتىمىز. غەربىي شىمال سانائەت داشۆسى ئاۋىياتسىيە شۆيۈەنىنىڭ 2021-يىللىق دوكتور ئاسپىرانتى ليۇ ليۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن بىز بىر ئەۋلاد ياشلار زىممىمىزگە ئالغان تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم. مەن غايە-ئېتىقادىمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، دادىل ئىزدىنىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جايلاردىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىنى ئىلھاملاندۇردى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.