چەت ئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى
يەنە بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى تېلېگرامما يوللاپ ۋە خەت ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھى سالمان، پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە باش ۋەزىرى مۇھەممەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىپ، يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىڭىز باشلانغان پەيتتە، سىزنى سەمىمىي تەبرىكلەيمىز ۋە سىزگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمىز، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئالغا بېسىشىنى تىلەيمىز. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ.
سىرىلانكا زۇڭتۇڭى ۋىكراماسىنخا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو قاتمۇقات خىرىسلارنى يېڭىپ، غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى. سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلىنىشىڭىز جۇڭگونىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئاچىدۇ. سىرىلانكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاھىدە دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ئاشتى، مەن سىرىلانكا بىلەن جۇڭگونىڭ زىچ ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا، قالتىس رەھبەرلىكىدە، تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتەك داغدام يولدا داۋاملىق ئۇتۇق قازىنىشىغا تىلەكداشمەن. نىگېرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سېنېگال زۇڭتۇڭى سال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېنېگال-جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېقىن، دوستانە، مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، سېنېگال-جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.
فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزنى تىلەيمەن. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ كەڭ ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى زور، مەن سىز بىلەن دائىملىق سۆزلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ، فىنلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
گېرمانىيە زۇڭلىسى شولز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، سىزنىڭ بۇ مۇھىم خىزمەت ئورنىدا يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭىزغا، ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس مۇنداق دېدى: سىزنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئارزۇيىڭىز ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگونىڭ ب د ت بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلدى. مەن سىز بىلەن داۋاملىق كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، قىشلىق مېيىپلار ئولىمپىك مۇسابىقىسى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. خاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى يېقىنلىشىپ قالدى، جۇڭگو دۇنياغا يەنە بىر دۇنياۋى كاتتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى نامايەن قىلغۇسى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل