ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-03-21 14:50

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

شۇ جاي ۋاقتى سائەت 13 لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان موسكۋا ۋىنۇكوۋو مەخسۇس ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىققاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى چېرنېشېنكو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى.

رۇسىيە تەرەپ ئايرودۇرۇمدا داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى.

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم پاراتنى كۆردى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە تاغ-دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدىغان دوست قوشنىلار. ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، ئۈچىنچى تەرەپكە قاراتماسلىق پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيادا، جۇڭگو داۋاملىق رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ چوقۇم مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چىن گاڭ قاتارلىق ھەمراھلارمۇ  شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ رۇسىيەدىكى باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇيمۇ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ رۇسىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.