ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ 2023-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-27 16:30

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنى 2023-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئىسلاھاتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانلار ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ موھتاج بولماقتا. جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بېيجىڭ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگۈەنسۈننىڭ ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن-تېخنىكا رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سەرخىل ئىلغار كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە جاسارەت بىلەن ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

 2023-يىللىق جۇڭگۈەنسۈن مۇنبىرىنى پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، «ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»  مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ 2023-يىللىق جۇڭگۇەنسۈن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى