ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا چىنگە جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-05-31 16:55

يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا چىنگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىننىڭ خېتىدە بايان قىلغان كەچۈرمىشى جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى. جۇڭگو بىلەن بېنگال خەلقى قەدىمدىن تارتىپ ياخشى قوشنا، ياخشى دوست بولۇپ، مىڭ يىللىق دوستانە ئالاقە تارىخىغا ئىگە. 600 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خېنىڭ كېمىسى بېنگالغا ئىككى قېتىم بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئارىسىغا دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچقان. 600 نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تىنچلىق كېمىسى» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتى مېھرى مۇھەببەت بىلەن يىراق سەپەرگە ئاتلاندى، جۇڭگولۇق ئايال ھەربىي دوختۇر چىتتا پورتىدا چىننىڭ ئانىسىنىڭ خەتەردىن ئۆتۈپ، ئوڭۇشلۇق تۇغۇشىغا ياردەم بەردى، چىننىڭ دادىسى ئۇنىڭغا بېنگال تىلىدا «جۇڭگو» دەپ ئىسىم قويۇپ، جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقىنىڭ يېڭى، تەسىرلىك سەھىپىسىنى پۈتتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چىننىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقىنىڭ ئەلچىسى بولۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگوغا بېرىپ دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىپ، «جۇڭگولۇق ئانا»دەك ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن چىننىڭ گۈزەل ياشلىقىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىگە، جەمئىيەتكە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، چىننىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئۆگىنىشىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئالىفا چىننىڭ ئانىسى 2010-يىلى ئېغىر يۈرەك كېسىلى بولغاچقا، تۇغۇتى قىيىنغا توختاپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا بېنگالنىڭ چىتتا پورتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇڭگو دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «تىنچلىق كېمىسى» ناملىق دوختۇرخانا پاراخوتى ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ھەربىي دوختۇرلارنى دەرھال شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئەۋەتكەن، جۇڭگولۇق دوختۇرلار غايەت زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ قورساقنى يېرىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ بالىنى ئېلىپ، ئانا-بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. چىننىڭ دادىسى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «چىن» دەپ ئىسىم قويغان، بۇ بېنگال تىلىدا «جۇڭگو» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا چىنگە جاۋاب خەت يازدى

يېقىندا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېنگاللىق بالا ئالىفا چىنگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئارزۇغا ئىنتىلىپ، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.