شى جىنپىڭ ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
شى جىنپىڭ 6-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 6-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، مىللەتنىڭ كەلگۈسى. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ئىككى قىرغاقتىكى تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ مۇنبەر ئارقىلىق بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ كۈرەش قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ياشلىق باھارىنى ئۈزلۈكسىز تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىككى قىرغاق ياشلىرى تالانتىنى نامايان قىلىدىغان بىپايان سەھنىگە، ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. بىز تەيۋەنلىك ياشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كېلىپ ئارزۇسىغا ئىنتىلىشىنى، ئارزۇ تۇرغۇزۇشىنى، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى قىرغاقتىكى ياشلارنىڭ تارىخىي چوڭ ۋەزىيەتنى ئىگىلەپ، مىللىي ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، دەۋرنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنى تىنچ تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرا يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ قولىغا مەھكەم تۇتقۇزۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىر نىيەتتە، كۈچنى مۇجەسسەملەپ كۈتۈۋېلىپ، بىرلىكتە يېڭى پىلان تۈزۈش» 6-نۆۋەتلىك تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپى ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە مۇنبەرنىڭ ئېچىلىش يىغىنى ۋە ئاساسىي مۇنبەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل