شى جىنپىڭ بۇ مۇنبەرگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
شى جىنپىڭ جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، بىخەتەر، مۇقىم، راۋان يۈرۈشىشنى ساقلاپ، ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، لىنىيە بويىدىكى ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو داۋاملىق ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
«ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى قىلىندى، بۇ مۇنبەرنى دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى ۋە جياڭسۇ، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، خېنەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، شەنشى، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ليەنيۈنگاڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل