«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قانچە مۇھىم مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
11-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىققان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە بىر قانچە مۇھىم مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك» دېگەن مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىمىز ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بىر قانچە زور مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بىرىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشقا تايانغاندىلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىك مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. تەرەققىياتنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، بايلىق ۋە مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى ئالدىنقى شەرت ۋە ئاساس قىلىپ، ئىقتىسادىي پائالىيەت، ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتىنى تەبىئىي بايلىق ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەك ئىچىدە ئاڭلىق چەكلەش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش ئارقىلىق، تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ بايلىق، مۇھىت بەدىلىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە زاپاس كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىككىنچى، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈزەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەش بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، مۇھىت ئامىلىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، تەبىئىي جۇغراپىيەلىك بىرلىكنىڭ ئىزچىللىقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ سىجىللىقىنى بىرتۇتاش ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسلىق تەرىپىنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش بىلەن بىللە، نىشاننى ماسلاشتۇرۇش، كۆپ خىل بۇلغىمىلارنى تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش، تارماقلار، رايونلار ماسلىشىش، سىياسەت جەھەتتىكى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. نۆۋەتتە، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى جەزمەن ساقلاپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى داۋاملىق چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۈچىنچى، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن تەبىئەتكە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ ۋە ماسلىشىپ، تەبىئەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا يېتەرلىك ۋاقىت ۋە بوشلۇق بېرىپ، تەبىئەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ چەكلىمىسى ۋە يۇقىرى چېكى سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى شۇنداقلا پائال ھەرىكەت قىلىدىغان كەڭ زېمىن ھازىرلىدى. تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايونلارغا، تۈرلەرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش لايىھەسىنى تىرىشىپ تېپىپ چىقىش كېرەك. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاق، قۇمنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تاغ چوققىسىدىن دېڭىز-ئوكيانغىچە بولغان قوغداش، تۈزەش چوڭ ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن سۈنئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ۋاسىتىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۆتىنچى، تاشقى چەكلىمە بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، ئەڭ مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت-سائادىتى. ھەممە ئادەم قول سېلىپ ئىشلەپ، ھەممە ئادەم مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئورتاق قوغداشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغىغاندىلا، ئاندىن جۇڭخۇا زېمىنى ئاسمىنىنىڭ داۋاملىق كۆك، تاغلىرىنىڭ داۋاملىق يېشىل، سۇلىرىنىڭ داۋاملىق سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق تاشقى بېسىمنى ساقلاش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بەشىنچى، «قوش كاربون» ۋەدىسى بىلەن ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر، بىزنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىمىز، شۇنداقلا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ رىقابەت ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى. بىز ۋەدە قىلغان «قوش كاربون» نىشانى ئۆزگەرمەيدۇ، لېكىن بۇ نىشانغا يېتىش يولى ۋە ئۇسۇلى، رىتىمى ۋە سالمىقىغا ئۆزىمىز ئىگە بولۇشىمىز، باشقىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، تەرەققىياتنى بايلىقتىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قاتتىق قوغداش، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئاساسىغا بەرپا قىلىش؛ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرگە قارىتا ھۈنەر-سەنئەت، تېخنىكا، جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تېخىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن يەر شارى كىلىماتىنى تۈزەشكە قاتنىشىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكار، پايدىلىق يېڭى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا