شى جىنپىڭ سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى
شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سان فىرانسىسكودا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا-سانائەت رەھبەرلىرى يىغىنىدا «بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچايلى» دېگەن تېمىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 30 يىل ئىلگىرى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى رەھبەرلىرى تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرەسمىي يىغىنىنى ئېچىپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇش مەركىزى، دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مۇقىملاشتۇرغۇچقا ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى. 30 يىلدىن بۇيان، بىز ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكنى تۈگىتىش، بار-يوقىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىختىيارىي بولۇش، كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەشتەك «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇسۇلى»نى بەرپا قىلىپ، پەرق بولسىمۇ بىللە ئۆتۈش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتەك ھەمراھلىق روھىنى جارى قىلدۇردۇق. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسى بىزگە نۇرغۇن چوڭقۇر ئىلھام بەردى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى كېيىنكى 30 يىلدا قايسى تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ، بۇ بىز دۇچ كېلىدىغان يېڭى دەۋر سوئالى بولۇپ قالدى. بىز ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئورتاق قوغداپ، قارشىلاشماي سۆزلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئالاقە يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى جۇغراپىيەلىك قورشاۋ شاھمات مەيدانىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ رايوندا «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ۋە لاگېرنىڭ قارشىلىشىشى پەيدا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئوچۇق رايونچىلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ھەمتۈرتكىلىك يۇغۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئوچۇق ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنى ئىدارە قىلىشنى قول تۇتۇشۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتىشتىن خالى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ چوڭ ماتور بولۇپ قالدى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئېھتىياجى ئەۋزەللىكى، كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشلىشىشى مۇكەممەل بولغان تەمىنات ئەۋزەللىكى، نۇرغۇن يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر ۋە كارخانىچىلار بولۇشتەك ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئىقتىسادىي تەرەققىياتى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئەۋرىشىملىك ۋە يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار ھەم جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىمىز. جۇڭگونىڭ ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئوخشاش ئەلا مۇلازىمەت قىلىش سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش، بۇ دۇنياغا نىسبەتەن تېخىمۇ كەڭ بازار ۋە مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەمكارلىق پۇرسىتىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن غايەت زور پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز!
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل