ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» گۇاڭجۇ خەلقئارا يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:32

رەئىس شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» گۇاڭجۇ خەلقئارا يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، دۇنيانىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.

يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئورتاق تونۇش ۋە كۈچ مۇجەسسەملىدى.

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر ئىنسانىيەت يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شياڭگاڭ داشۆسى ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋە دۇنيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى لى چېڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بەخت-سائادەت دېگەن بۇ سۆزنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. جۇڭگو ئۆزىنىلا ئويلىمايدۇ، بەلكى مەنپەئەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىن جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشىدىكى بەزى يۈزلىنىشلەرنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى دۇنياغىمۇ بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشتە. جۇڭگو دۆلەتلىك يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ بىزنىڭ جۇڭگو ئىشلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەنپەئەتنىڭ بىرىكىش نۇقتىسىنى كېڭەيتىشكە قەتئىي تەۋرەنمەي كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىمىز. بۇ مۇھىم بايانلار يىغىنغا قاتناشقان زاتلارنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پاكىستان-جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساھىد ھۈسەيىن سەئىد مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو دۇنيا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى، يېشىل تەرەققىياتنىڭ رەھبىرى، پەن-تېخنىكىنىڭ باشلامچىسى. جۇڭگونىڭ تىنچ باش كۆتۈرۈشى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈچ مەنبەسى.

ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىق فوند جەمئىيىتى ئىجرائىيە رەئىسى مىللېر ۋايت مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن سودا مۇھىتى يارىتىۋاتىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، جۇڭگو سودا ھەمراھلىرىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ بىر ئېنىق ئۇچۇر.

تەرجىمان:ئىلدوس ياسىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» گۇاڭجۇ خەلقئارا يىغىنىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

رەئىس شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنى 2023-يىللىق «جۇڭگونى چۈشىنىش» گۇاڭجۇ خەلقئارا يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ،