ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي، جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 09:49

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدا خىزمەت تەكشۈردى.

باش شۇجىنىڭ يېتىپ كېلىشى شاڭخەي، جياڭسۇدىكى كادىرلار، ئاممىنى ھەسسىلەپ ھاياجانغا سالدى، كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پويىزدىن چۈشۈپلا شاڭخەي قەرەللىك مال بېرژىسى بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شاڭخەينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش نىشانى توغرا، قەدىمى پۇختا، ئىستىقبالى پارلاق، شاڭخەي قەرەللىك مال بېرژىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بېرژا قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە قەرەللىك مالنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە كەسىپ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. شاڭخەي قەرەللىك مال بېرژىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى تيەن شياڭياڭ مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ قەرەللىك مال بازىرىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپنى ياخشى ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، دۇنيادىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى «شاڭخەي باھاسى»غا دىققەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ مۇھىم تۈگۈنىنى بەرپا قىلىپ، شاڭخەينىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇشتىكى رىقابەت كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى قوللايمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسىدە شاڭخەي پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پەن-تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شاڭخەي بۇ جەھەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى تېزلىتىشى كېرەك. شاڭخەي شەھەرلىك پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو داجىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ ياخشى يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىنخاڭ رايونى يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ئائىلىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مەھەللىدىكى تۇرالغۇ تىپىدىكى، ياتاق تىپىدىكى ئىجارە ئۆي مەنبەسى ئىجارە ئالغۇچىلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى ۋە ئاممىۋى ئاشخانا، ئاممىۋى كىر يۇيۇش ئۆيى قاتارلىق ئورتاق بەھرىلىنىش رايونىغا كىرىپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان شەھەرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

باش شۇجىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى. ئاھالە جېڭ لەنيۈ مۇنداق دېدى:باش شۇجى بىز ياشلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي بېسىمى مەسىلىسىگە، يەنە تۇرالغۇ ئۆي سىياسىتىنىڭ بۇ يەردە ئەمەلىيلەشكەن-ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. شاڭخەيدە بۇ سىياسەت خەلققە نەپ يەتكۈزدى، بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش سىرتتىن شاڭخەيگە كېلىپ خىزمەت قىلىدىغان ياشلارغا بولغان بېسىم خېلىلا يېنىكلىدى.

ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى مەھەللە ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ ئىللىق بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىش، خەلق شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەر كىرەلەيدىغان، قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاھالە چيەن لىلى مۇنداق دېدى:باش شۇجى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداقلىقىنى كۆرگىلى كەپتۇ، بىز بەك تەسىرلەندۇق، باش شۇجى ھەممە جايغا كۆڭۈل بۆلىدىكەن، بىز بەك تەسىرلەندۇق. بىز شاڭخەيدە تىرىشىپ ئىشلەيمىز، چۈنكى پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، بىز تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ يەنچېڭ شەھىرىگە كېلىپ، يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى 4-ئارمىيەنىڭ تارىخى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، ئەل رايىنىڭ مايىل بولۇش-بولماسلىقى تارىخنىڭ تاللىشىنى بەلگىلەيدۇ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر. بۇ ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى جانلىق دەرسلىك. يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى چيۇ جىنبياۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز خاتىرە سارىيىنىڭ ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى يىغىش، قوغداش مەركىزى، تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىش مەركىزى، نامايان قىلىش، ۋارىسلىق قىلىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، يېڭى 4-ئارمىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل قان تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي، جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا شاڭخەيدە خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دىققەتنى «بەش مەركەز» قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچقا مەركەزلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان خەلقئارالىق چوڭ شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىش سەپىرىدە جياڭسۇنىڭ يەنچېڭدا خىزمەت تەكشۈردى.