ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 16:06

شى جىنپىڭ 10-دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

10-دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ قانۇن ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئۆلچىمى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئاساسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورىسىدىن ئىبارەت دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننى چۈشەندۈرۈش، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق-تەربىيەنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيە جەھەتتە شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش، قاراش جەھەتتە يېتەكلەشتە ئومۇميۈزلۈك كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا «ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە تەشۋىق-تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. 

جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېلىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ روشەن سوتسىيالىزم خاراكتېرىگە ئىگە ئاساسىي قانۇن ئىكەنلىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى خەلق ئاساسىي قانۇنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ھەممىدىن يۇقىرى قانۇنچىللىق ئورنى ۋە قۇدرەتلىك قانۇنچىللىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى قانۇنچىللىق يولىدا ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى، ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىلىق، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق قەدىرلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى

شى جىنپىڭ 10-دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ: ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ،