ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ «سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-05 16:07

شى جىنپىڭ «2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى «2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى. 

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، دۇنيادىكى بىلىملىك زاتلارنى يىغىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن تېمىلار ئۈستىدە چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىدى. 

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىسلىسىز دۇنياۋى ئۆزگىرىش، دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى بىرلىكتە بەرپا قىلىشى كېرەك. ھەر قايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە مەدەت بېرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

«2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى» شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجۇ شەھىرىدە باشلاندى، «كۆپ تەرەپچىللىك: تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ سىغدۇرۇشچان بولۇش، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش» باش تېما قىلىندى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە-جۇڭگو دوستلۇق ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە دۇنيا داھىيلار ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ «سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى ​

شى جىنپىڭ «2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى