ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 16:06
  دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېڭىز-ئوكيان پورتى، مۇكەممەل زامانىۋى دېڭىز ـ ئوكيان كەسىپ سىستېمىسى، يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىكنى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكياننى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىنى ئېچىش، قوغداش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، دېڭىز-ئوكيان ئىشلىرى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى.  
  پورت دېڭىز يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە تايىنىش نۇقتىسى. پورتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى سىغدۇرۇشچان ھالىتىنى نامايان قىلىش باشتىن-ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017-يىلى 4-ئايدا گۇاڭشىدا خىزمەت تەكشۈرگەندە تيېشەن پورتى ئاممىۋى پىرىستانىغا كەلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پورت قۇرۇلۇشى ئىنتايىن مۇھىم، بىز دېڭىز ئىقتىسادى، ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادتا  يۈزلىنىپ باي بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يول ياسىشىمىز، شۇنداقلا  پورت ئېچىشىمىز كېرەك. 
  بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز پورتلىرى دۇنيادىكى 200 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون بىلەن سۇ قاتنىشى لىنىيەسى ئالاقىسى ئورناتتى، سۇ قاتنىشى لىنىيەسى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرىدىغان دېڭىز بويىدىكى دۆلەت ۋە رايونلارنى قاپلىدى، مۇلازىمەت تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، دېڭىز يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق  پۈتۈلمەكتە. بېيبۇۋەن پورتى بېيخەي پىرىستانى چەكلىك شىركىتى تيېشەن پورتى مەشغۇلات رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى گاۋ فېڭ مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت بەرگەن زور ئىستراتېگىيەلىك يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ پورت قۇرۇپ، يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، دېڭىز ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلانما بازار تىجارىتىگە قولايلىق جاي بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىپ، تيېشەن پورتىنىڭ دېڭىز بويى ۋە گۇاڭشىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قاتارلىق مەركىزىي رايونلار ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. 
  دېڭىز-ئوكيان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جاي. 
  يېقىندا، چىڭداۋ تەتقىق قىلىپ ياسىغان «خەنخەي شىڭيۈن» چوڭ مودېلى، «ۋېنخەي» ئالدىن مەلۇمات بېرىش چوڭ مودېلى رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ چىڭداۋنىڭ دېڭىز-ئوكيان چوڭ مودېل ماترىتساسى قۇرۇشتا دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. چىڭداۋ دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۆ گوفېڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە، بىز بىر «خەنخەي شىڭيۈن» ئاساسىي چوڭ مودېلىغا تايىنىپ، N  يەنى نۇرغۇن كەسىپ چوڭ مودېلى بەرپا قىلىپ، پورت سۇ تىرانسپورتى قاتارلىق X مەنزىرىنى قوللىنىشقا ئېنېرگىيە ئاتا قىلىپ،+N+X» 1» سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، چوڭ مودېلنىڭ «ھەممە كەسىپ»لەرگە ئېنېرگىيە ئاتا قىلشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. 
  شەندۇڭ يېرىم ئارىلى خۇاڭخەي، بوخەي دېڭىزىغا يېقىن، دېڭىز تەۋەلىكى بايلىقى مول، دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسى ۋە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پايدىلىق شارائىتقا ئىگە. 2018-يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭداۋدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشىمىز كېرەك، مېنىڭ ئىزچىل مۇشۇنداق  بىر ئارزۇيۇم بار ئىدى. دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان پەن تەتقىقاتى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر تەرەپ، ئۇنى چوقۇم ياخشى تۇتۇش كېرەك. 
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئەۋزەل شارائىتقا تايىنىپ، دېڭىز-ئوكيان چوڭ سانلىق مەلۇماتى، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى، دېڭىز-ئوكيان چارۋىچىلىق مەيدانى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قاتارلىق دېڭىز-ئوكيان كەسپىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ، زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى. 2023-يىلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز-ئوكيان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 701 مىليارد 830 مىليون يۈەنگە، پۈتۈن ئۆلكە خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %18.8كە يەتتى. چىڭداۋ شەھەرلىك دېڭىز-ئوكيان تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مېڭ چىڭشېڭ مۇنداق دېدى: دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز-ئوكيان يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشتىكى بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، زامانىۋى دېڭىز-ئوكيان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىنىڭ يېتەكلەش ئەۋزەللىكىنى يارىتىمىز. 
  دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.  
  خەينەننىڭ لىڭشۈيگە جايلاشقان پاسىل ئاراللار مول دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا ئىگە بولۇپ، بۇ يەردىكى دېڭىز ئاستى مارجانلىرىنىڭ  قوغداش كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ، دېڭىز ئاستىدا ياشايدىغان جانلىقلارنىڭ تۈرىمۇ كۈنسېرى موللىشىۋاتىدۇ. خەينەن ئىسسىق بەلباغ دېڭىز-ئوكيان شۆيۈەنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ پېيجېڭ مۇنداق دېدى: مارجان پۈتكۈل دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، مارجان خادا تاشلىرى ئېكولوگىيە سىستېمىسى %25 دېڭىز -ئوكيان جانلىقلىرىنىڭ كۆپ خىللىقىنى يېتىلدۈردى.  
  «14-بەش يىل» دىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ـ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %8 ئەتراپىدا بولدى؛ 2023-يىلى مەملىكەت بويىچە دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى توققۇز تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، «ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەتلىك دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈن شۇشيەن مۇنداق دېدى: دېڭىز ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا دېڭىز ئوكيانغا يەنىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، دېڭىز ئوكياننى تونۇش، دېڭىز ئوكياننى ئىدارە قىلىش كېرەك. بىز دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېڭىز-ئوكياننى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز. 

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش تېزلىتىلدى

دېڭىز-ئوكيان كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە.