لى چياڭ تېلېگرامما يوللاپ، مودىنىڭ ھىندىستان زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار| يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-12 16:08
گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئىيۇن نارېندرا مودىغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ۋە رايونغا مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت