جاۋ لېجى ئىسپانىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئامېنگورنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئىسپانىيەدە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولدى، مادرىدتا ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ Ⅵ، باش ۋەزىر سانچېز بىلەن كۆرۈشتى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ باشلىقى روۋلاند، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى ئامېنگورلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشتى.
جاۋ لېجى فىلىپ Ⅵ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكىنى يەتكۈزدى. جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ ئىسپانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو ئىسپانىيە بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىۋى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىنى چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
فىلىپ Ⅵ جاۋ لېجى ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېلەر يىلى ئىسپانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىسپانىيە جۇڭگو بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭى ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مەدەنىيەت، مائارىپ، تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى سانچېز بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىسپانىيەنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىسپانىيە بىلەن دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئېچىۋېتىپ، ھەمكارلىشىپ، ئىقتىساد ـ سودا، مەبلەغ سېلىش، ئادىمىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى ئادىل، بىخەتەر، كەمسىتىشسىز، كۆزلىگىلى بولىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ياۋروپانى جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى قىلىپ كەلدى، جۇڭگو-ئىسپانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
سانچېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا، توكلۇق ئاپتوموبىل، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىسپانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، جۇڭگو بىلەن خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى روۋلاند، ئامېنگور بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىسپانىيە كېڭەش پالاتاسى، ئاۋام پالاتاسى بىلەن ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ نىشانلىق ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا پايدىلىق قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تۈزۈش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە تەستىقلاشنى، ھەر قايسى دۆلەت پارلامېنتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك پارلامېنت تەشكىلاتلىرىدىكى ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جاۋ لېجى يەنە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.
روۋلاند مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىسپانىيە كېڭەش پالاتاسى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئامېنگور مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسپانىيە ئاۋام پالاتاسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قانۇن چىقىرىش ئاپاراتىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
جاۋ لېجى ئىسپانىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، بارسېلونادا كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىلىيە بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە چىرۈي-ئېبرو شېرىكچىلىكىدىكى ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت