ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-21 16:53

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
سۆھبەت يىغىنىدا جاڭ خۇي، رېن شاۋبو، ليۇ جۈن، لياڭ ۋېنفېڭ، ۋېي خۇڭشىڭ، چېن شۆدۇڭ، چېن خۇڭيەن، دۇ بىن، زۇ جىڭيۈەن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن يىلى مۇرەككەپ كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى ئىجادىي ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنى بىر قەدەر تېز ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. كۆپچىلىك يەنە نۆۋەتتىكى تەرەققىيات داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان- ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدى، «مۇقىملىق» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، «ئىلگىرىلەش» قۇۋۋىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنە نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ۋەزىيەتنى توغرا ئىگىلەپ، خەۋپنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىز تۈزۈم، بازار، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىككە ئىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلساقلا، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى چوقۇم ئىلگىرى سۈرەلەيمىز.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇۋاپىق كەڭ پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەش؛ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ۋۇ جېڭلوڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»غا جايلار، تارماقلاردىن ماس قەدەمدە پىكىر ئېلىندى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

لى چياڭ مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار ۋە مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى