لى چياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.
سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېڭ جيەنباڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خې ۋېي، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى جياڭ زوجۈن، 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى ۋۇ شياڭپىڭ قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆزگىرىشكە سالماقلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم يۈرۈشۈشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىدى. كۆپچىلىك بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لى چياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل-14-بەش يىللىق پىلان تاماملىنىدىغان يىل. بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم قىيىنچىلىققا توغرا قاراپ، ھەم ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى خىرىسقا مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىشىمىز ۋە كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىنى بېغىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى تەيفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شاۋ خۇڭ، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار