ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-22 14:38

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  خەن جېڭ ئامېرىكىدىكى مەزگىلىدە، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ۋەنىس بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ماسك، بروكىڭىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى سانتون قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ ۋەنىس بىلەن كۆرۈشكەندە، ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ ترامپقا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم ۋەنىسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن مۇھىم تېلېفونلىشىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، باشلىقلار دىپلوماتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرسىلا، چوقۇم ئۆزئارا ئۇتۇق قازىنىپ، ئىككى دۆلەتكە بەخت يارىتالايدۇ ھەم دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشالايدۇ.

  ۋەنىس خەن جېڭنىڭ زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ترامپ يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، ياخشى پىكىرلەشتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىشلاردا كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك، مول نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى سۆزلىشىشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشى، ياخشى قەدەم ئېلىشى، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىشى جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بەخت سائادىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. ئامېرىكا سودا- سانائەت ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، گۇۋاھچىلىرى، تۆھپىكارلىرى ۋە مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى. جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلايدۇ ۋە ئەلالاشتۇرىدۇ. ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىپ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئامېرىكىنىڭ سودا سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئالدىنقى ئىككى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىجابىي ۋە مۇقىم بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك. ئامېرىكا سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە جۇڭگودىكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئۈمىد بىلەن قاراپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ سۆزلىشىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايدۇ.

  خەن جېڭ ماسك، سانتون بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا كارخانىلىرى ۋە ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق كەڭ ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىشى ۋە مۇستەھكەملىشىنى قارشى ئالىمىز.

  ماسك، سانتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسى ھەمكارلىقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايمىز.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

  سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ تەكلىپكە بىنائەن شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.