ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-16 10:20

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار-مۇز ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆزلەپ، خاس، ئەۋزەل بايلىقلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەپ، قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى ۋە ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك.
لى چياڭ ئالدى بىلەن خاربىن سۇڭخۇاجياڭ دەرياسى قار-مۇز كارنىۋالىغا بېرىپ، قاردا ماھارەت كۆرسىتىش، قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شۇ جاينىڭ قار- مۇز بايلىقىنى يەنىمۇ ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىش خاراكتېرى، قىزىقارلىق قار-مۇز تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش كېرەك. لى چياڭ «خاربىن سوۋغىسى» دۇكىنىغا كىرىپ، ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خاتىرە تاۋارلىرى ۋە يەرلىك ئالاھىدە تاۋارلارنىڭ سېتىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت بۇ قارا تۇپراقتا بايلىق ۋە مەھسۇلاتلار مول، قار-مۇزمۇ بىر بايلىق. ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قار-مۇز ئىستېمال پەسلى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئېچىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سىغىمىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.
لى چياڭ خاربىن يېڭى رايونى مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەركىزىدە مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى تىجارىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، مۇز ئۈستى تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمدىلا يېپىلغان ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئاممىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى، بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. لى چياڭ ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ قار تېيىلىش مەشىقىنى كۆرۈپ، بالىلاردىن قانچە ياشقا كىرگەنلىكى، قانچىلىك مەشىق قىلغانلىقىنى سورىدى، مەيدان، ساراي مەسئۇللىرى ۋە تىرېنېرلارنى تېخىمۇ كۆپ ياخشى اش-ئۆسمۈرلەرنى بايقاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىيدىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ قار-مۇز مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە ئىلھام بېرىش كېرەك. لى چياڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى جابدۇقلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم داڭلىق ماركىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ جابدۇق، سايمانلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تەكىتلىدى.
لى چياڭ خاربىن مەدەنىيەت-ساياھەت پىلانلاش-لايىھەلەش يۇرتى چەكلىك شىركىتىدە لايىھەلەش نەتىجىسى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، لايىھەلەش كوللېكتىپى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قار-مۇز ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىمى يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجنى يېتەكلەش ۋە يارىتىش؛ قار-مۇز مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر ئاساسىنى تولۇق قېزىپ، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، سودا، ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قار-مۇز مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش؛ كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سېھرىي كۈچكە ئىگە، ئېسىل قار ـ مۇز مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يارىتىش؛ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ۋە قار-مۇز ئىقتىسادىنىڭ تەسىر كۈچى، رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.
لى چياڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى، بولۇپمۇ خاربىن شەھىرىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ قار-مۇز ئىقتىسادىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ يېڭى قۇۋۋەت قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ۋۇ جېڭلوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 2-ئاينىڭ 15-كۈنى خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.