ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن دۇڭمىڭ: پەن-تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئۇرغۇتۇلسا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-17 17:57

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلقنىڭ قىزغىن ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلدا ۋەكىللەر، ئەزالار مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلدى؟ بۇ يىللىق ئىككى يىغىنغا قانداق تەييارلىقلارنى قىلدى؟ ئەمدى «مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان بىر يىل» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن دۇڭمىڭ: پەن-تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئۇرغۇتۇلسا، دەپ تەكلىپ بەردى» دېگەن قىسمىنى ئاڭلتىمىز.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مېتال تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۈن دۇڭمىڭ پەن-تەتقىقات خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھالقىلىق رولىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. قانداق قىلغاندا پەن-تەتقىقات مەبلىغىنى جانلىق، ياخشى ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؟ بۇ سۈن دۇڭمىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن مەسىلە.
سۈن دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىلار جانلىق مېخانىزمغا، جۈملىدىن يېڭى ئەندىزە، ئۆتكۈر كەسىپ سېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە. قانداق قىلغاندا پۇقراۋى كارخانىلارنى، بولۇپمۇ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك پۇقراۋى كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى قاتناشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ بىز ئويلىنىشقا ۋە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
ئۆتكەن بىر يىلدا، سۈن دۇڭمىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
سۈن دۇڭمىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، بىر قىسىم ئوتتۇرا، كىچىك پۇقراۋى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنىڭ تۈر تەلىپىگە يەتكەنلىكىنى، لېكىن دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشتا بەزى تېخنىكىلاردىن باشقا تەلەپلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. شېنياڭدىكى بىر پەن-تېخنىكا كارخانىسى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ ياڭ: كارخانىنىڭ ئىلگىرى مەھسۇلات قىممىتى بەك ئاز بولغاچقا، ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئوڭۇشلۇق بولمىدى، دېدى.
زىيارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سۈن دۇڭمىڭ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا چوڭ مەخسۇس تۈرلىرىنىڭ ئىجازەت مېخانىزمى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئويلاندى.
سۈن دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىر ئاز تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش جەھەتتە، ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ۋە پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھام بېرىش كېرەك، شۇنداقلا ھۆكۈمەت تاللاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەزى ھالقىلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش، ئۆزلەشتۈرۈشنى مەخسۇس قوللاشقا ئىگە قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، سۈن دۇڭمىڭ دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنىڭ ئىجازەت مېخانىزمى، مەبلەغ بىلەن قوللاش ئۇسۇلى، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قاراتمىلىققا ئىگە تەكلىپلەرنى ئېلىپ كېلىپ، پەن-تەتقىقات مەبلىغىنىڭ «دەل جايىغا ئىشلىتىلىشى» گە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
سۈن دۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: بىز بىر تەرەپتىن تېخىمۇ كۆپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قاتنىشىشىنى، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەتكە مەسئۇل بولۇپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا مەبلىغىنى تېخىمۇ ئۆلچەملىك، تېخىمۇ مۇۋاپىق، تېخىمۇ بىخەتەر ئىشلىتىپ، دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۆتكەن بىر يىلدا، سۈن دۇڭمىڭ دائىم تەجرىبىخانىدىن چىقىپ، بىر قىسىم پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ خاتىرە دەپتەرگە قانچىلىغان سانلىق مەلۇمات خاتىرىلەنگەنلىكىنى بىلمەيدۇ، ئۇ ھەر بىر مەزگىلدە قايتا-قايتا ھېسابلاپ، ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا دۇچ كەلگەن قىيىن نۇقتا ۋە توسالغۇلارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «دۆلەتنىڭ ئىشلىرى» نى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ، «دۆلەت مەسئۇلىيىتى»نى زىممەمگە ئېلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئەقىل-پاراسىتىم ۋە كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى سۈن دۇڭمىڭ: پەن-تەتقىقات مەبلىغى ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ئۇرغۇتۇلسا

2025-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى خەلقنىڭ قىزغىن ئۈمىدىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بېيجىڭغا جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى