خەن جېڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو رەئىس باخ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس باخ ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىزمىتىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى. خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەمدىلا غەلىبىلىك ئاياغلىشىپ، دۇنياغا بىر نۆۋەتلىك «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، ئاسىيا ئۇسلۇبى بويىچە ئېسىل» يۇقىرى سەۋىيەلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتى كاتتا مەرىكىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەنتەربىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، خەلقئارا ئولىمپىك ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ كەلدى، تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئولىمپىك ھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
باخ خاربىن ئاسىيا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى ئۇزاق مۇددەت قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەڭ قوغداپ، ئولىمپىك ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت