ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:40

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋەننو بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 2-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان زۇڭلى پاتوڭتارن جۇڭگو-تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو تايلاند بىلەن بىرلىكتە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، «جۇڭگو-تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋەننو مۇنداق دېدى: تايلاند-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، «تايلاند-جۇڭگو بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن قاراش كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. تايلاند رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. بۇ يىل-تايلاند-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، تايلاند پارلامېنتى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە تۆۋەن پالاتا باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا تايلاند پارلامېنتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە تۆۋەن پالاتاسىنىڭ باشلىقى ۋەننو بىلەن كۆرۈشتى.