ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ سىنگاپور زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:50

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سىنگاپور يېقىن قوشنا ۋە مۇھىم ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى داۋاملىق كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى يەنىمۇ پىلانلايدۇ. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئىشىنىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ پايدا ئېلىش قاتارلىق ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن سىنگاپورنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ناھايىتى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلدى. جۇڭگو سىنگاپور بىلەن ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن داۋاملىق ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يەنىمۇ زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، قوش يۆنىلىشلىك سودا سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل، ئاقىل شەھەر، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، 3-تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى پائال كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى تەبرىكلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئوخشاشلا ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ۋە ئەركىن سودىدىن نەپ ئالغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى بولۇپ، ئوچۇق رايونىزم ۋە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە راۋانلىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو سىنگاپورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن 3.0 نۇسخىدىكى كېلىشىمنامىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئىمزالاش ۋە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» نى يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ.
خۇاڭ شۈنسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا يىلتىز تارتقان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈشى ئارقىىسىدا، ئىزچىل مۇستەھكەم بولۇپ كەلگەن. سىنگاپور ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دوستلۇق ۋە ئۆزارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۇجۇ سانائەت رايونى قاتارلىق بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، سۈنىي ئەقىل، بىيو دورا قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، 3-تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سىنگاپورنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان ئىشەنچى كامىل، جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە ئىلغار تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» گە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن 3.0 نۇسخىدىكى كېلىشىمنامىسىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن رايون ۋە كۆپ تەرەپلىك سۇپا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى خالايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى بىرلىكتە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، 3-تەرەپ ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا خۇاڭ شۈنسەي شەرىپىگە قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

تەرجىمان: قۇرباننىسا جاپپار
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ سىنگاپور زۇڭلىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن سىنگاپور زۇڭلىسى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.