سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى
سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12-سانلىق يىغىنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، يىغىندا، «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» چۆرىدىلىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك دەپ تەكىتلەندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزم بەرپا قىلىش، ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەركىبىدىكى خادىملار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، پائال ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.
ئېچىلىش يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ «نۇقتىلىق سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»، «تۇغۇتنى قوللاش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش»، «سۈنئىي ئەقىلنىڭ تۆتكە يۈزلىنىشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش»، «گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا قائىدىنى جىپسىلاشتۇرۇش، مېخانىزمنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش»، «مەدەنىيەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»، «جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»نى تەييارلاش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئىككى يېرىم كۈن ئېچىلىدۇ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار يەتتە مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدۇ.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات ۋە دوكلات بەردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار