ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «ئىنتېرنېت سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يوللاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-24 16:52

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «ئىنتېرنېت سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يوللاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. «بەلگىلىمە»-ئىنتېرنېت سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ باج ئورگانلىرىغا سۇپا ئىچىدىكى تىجارەتچىلەر ۋە كەسىپكارلارنىڭ باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يوللىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، باج مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن باج مۇھىتى يارىتىپ، سۇپا ئىقتىسادىنىڭ قېلىپلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.
«بەلگىلىمە» جەمئىي 14 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، يوللاش مەجبۇرىيىتى، مەزمۇنى، ۋاقىت چېكى تەلىپى. ئىككىنچى، يوللاش كەچۈرۈم قىلىنغان ئەھۋاللار. ئۈچىنچى، يوللاش يۈكىنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى. تۆتىنچى، باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار جەھەتتىكى مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيىتى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار


中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «ئىنتېرنېت سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يوللاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «ئىنتېرنېت سۇپىسى كارخانىلىرىنىڭ باجغا ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى يوللاش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن