ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-03 12:10

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 9-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيايېۋ بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد- سودا، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى بىرلىكتە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
مىرزىيايېۋ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有