ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-09-25 09:35

 گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت نىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، ئىراق زۇڭتۇڭى رەشىد، ئانگولا زۇڭتۇڭى لورېنسو، ئانتىگۇا ۋە باربۇدا زۇڭلىسى بروۋن، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، نىگېر زۇڭلىسى زېنې قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىم، ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، تەكشى، ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈپ، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى قايتا يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئورتاق تەرەققىياتنىڭ قوللىغۇچىسى، ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات سېلىنمىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا قۇۋۋەت قوشۇپ، دۇنيا تەرەققىيات تىپىنىڭ يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگىرىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى سۆھبىتىدە يېڭىدىن ئالاھىدە بولۇۋېلىش ۋە پەرقلىق مۇئامىلە ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى «سۈنئىي ئەقىل+» خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللىدى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتى مۇساپىسىدە جارى قىلدۇرغان ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى چىن كۆڭلىدىن قۇۋۋەتلىدى، جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان سۈنئىي ئەقىل خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى تەدبىرىنى قارشى ئالدى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى بىرلىكتە ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىندا بايانات ئېلان قىلىندى، ھەر قايسى تەرەپلەر دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار





中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ب د ت نىڭ نىيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا جۇڭگو ئۇيۇشتۇرغان دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى