ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يامغۇردىن كېيىنكى جىددىي ھوسۇل يىغىش خاتىرىسى

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 09:57
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى جىمو رايونى دۈەنبولەن بازىرىدىكى 10 مىڭ مولۇق كۆممىقوناقلىق مول ھوسۇل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. توختىماي ياغقان يامغۇر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، 95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان «يېڭىچە دېھقان» ليۇ يۈەنخاۋ بىر نەچچە كومبايىننى پىشقان ماھارەت بىلەن ئىشقا سېلىپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇل يىغدى. ئەمدى «مول ھوسۇل خەۋىرىنى ئاڭلاش» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنىڭ «يامغۇردىن كېيىنكى جىددىي ھوسۇل يىغىش خاتىرىسى» دېگەن قىسمى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
يامغۇردىن كېيىنكى كۆممىقوناقلىقنىڭ چېتىدىكى كۆممىقوناقنىڭ يوپۇرماقلىرى سارغايغان ئىدى. ليۇ يۈەنخاۋ ئەتىگەندىلا ئېتىزغا بېرىپ كۆممىقوناقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ليۇ يۈەنخاۋ قوناق باشاقلىرىنىڭ خېلى پىشقانلىقى، دېنىنىڭ بىر قەدەر توق ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دان تۇتۇش ئاخىرلاشتى، ئەمدى يىغىۋالساق بولىدۇ دېدى.
9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، جياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدا ئۇدا نەچچە كۈن يامغۇر ياغدى، ئىككى كۈندىن بۇيان ھاۋا ئېچىلىپ كەتتى، ليۇ يۈەنخاۋ قوناقلىقتا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ يەرنى چىڭ دەسسەپ باقتى، كومبايىننى ئېتىزغا ھەيدەپ كىرىش-كىرەلمەسلىك نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ئىش بولۇپ قالدى.
ليۇ يۈەنخاۋ بىر پارچە يەردىكى قوناقنى ئورغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ: «بۇ يەرگە كومبايىننى كىرگۈزگىلى بولىدىكەن» دېدى.
ليۇ يۈەنخاۋ بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرمەي، دەرھال كومبايىنچى لاۋ ۋاڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، يىغىۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.
95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ليۇ يۈەنخاۋ شۇ جايدىكى بىر كوپىراتىپنىڭ باشلامچىسى، ئۇ دادىسىنىڭ تەسىرىدە، سەككىز يىل ئىلگىرى ئاۋات شەھەردىن يۇرتىدىكى ئېتىز بېشىغا قايتىپ كەلدى.
ليۇ يۈەنخاۋ مۇنداق دېدى: دادام ھازىرقى يېزا-كەنتلەر، يېزا ئىگىلىكى بىر قىسىم ئىلغار ئۈسكۈنە ۋە تېخنىكىلارنىڭ كىرىشىگە ئالاھىدە ئېھتىياجلىق، بىز ياشلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېگەچكە، مەن قايتىپ كېلىپ سىناپ بېقىشنى قارار قىلدىم.
ئېتىزلىقتا، كومبايىن گۈرۈلدەپ ئىلگىرىلىدى، كەينىدە رەتلىك شاخ-شۇمبىلار بار ئىدى. ئاشلىق توشۇش ئاپتوموبىلى بالدۇرلا ئېتىز بېشىدا ساقلاپ تۇرغان بولۇپ، كومبايىن بىلەن يوچۇقسىز تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى، ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناقلار يېقىن ئەتراپتىكى ئاشلىق سېتىۋېلىش پونكىتىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، مەركەزلىك دان ئايرىپ قۇرۇتۇلۇپ، شۇ كۈنىلا ئامبارغا كىرگۈزۈلەتتى. ليۇ يۈەنخاۋنىڭ كۆڭلى ئاخىرى ئارامىغا چۈشتى.
ليۇ يۈەنخاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر كۆممىقوناقنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتساق ياخشى ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا مو بېشى مەھسۇلاتىنى 1200، 1300 جىڭغا يەتكۈزۈشتە گەپ يوق.
ئىگىلىك تىكلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، ليۇ يۈەنخاۋ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئارقىلىق ئۆسۈملۈك ئاسراش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: دەسلەپتە بىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كىرگۈزگەندە، دېھقانلار «سىزنىڭ مۇشۇ نەرسىڭىز بىز دورا پۈركۈگۈچنى يۈدۈپ دورا چاچقىنىمىزدەك ياخشىمۇ» دەپ سورىدى، مېنىڭ بىرىنچى مەشغۇلات پەسلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن دېھقانلار قارارىنى ئۆزگەرتتى.
ليۇ يۈەنخاۋ ئۆزىنىڭ كۆممىقوناقلىقىدا «تەجرىبە ئېتىزى»نى ئايرىپ سېلىشتۇرما مەشغۇلات قىلدى، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى يۇرتداشلارنى ھاياجانغا سالدى
ليۇ يۈەنخاۋ مۇنداق دېدى: تەجرىبە نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، بىز ئەنئەنىۋى مەشغۇلات قىلغان چاغدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى نىسبىتى %40 كە يەتكەن ئىدى، ئەمما بىز ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەتكەندە ئاران %15 ئەتراپىدا بولدى.
2020-يىلى، ليۇ يۈەنخاۋنىڭ كوپىراتىپى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇچۇرۇش ئەترىتى تەشكىللىدى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئەترەت ئۈچ كىشىدىن تەرەققىي قىلىپ 20 كىشىگە يەتتى، مەشغۇلات كۆلىمى 10 مىڭ مودىن ھازىرقى 200 مىڭ موغا يەتتى.
مول ھوسۇل مەزگىلىدە، كۆممىقوناقلار خۇش پۇراق چاچتى. ئۈمىدكە تولغان بۇ زېمىندا، ليۇ يۈەنخاۋغا ئوخشاش يېڭىچە دېھقانلار پەن-تېخنىكا ۋە قان-تەرى بەدىلىگە رەڭدار مول ھوسۇل جاۋابىنى تاپشۇرماقتا.
ليۇ يۈەنخاۋ مۇنداق دېدى: مەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ يېزىغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىمىز، يېزا-كەنتلىرىمىز چوقۇم ياشلارنىڭ يىپيېڭى سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يامغۇردىن كېيىنكى جىددىي ھوسۇل يىغىش خاتىرىسى

يامغۇردىن كېيىنكى جىددىي ھوسۇل يىغىش خاتىرىسى