ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-21 14:33
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنى ئېلان قىلدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 101 تىرىليون 503 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئاشتى، خەلق ئىگىلىكى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.2 ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكى پۈتۈن يىلدىكىدىن ۋە ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پوئىنت ۋە 0.4 پوئىنت تېز بولدى؛ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى 3 تىرىليون 967 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 136 مىليارد 800 مىليون يۈەن ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: دۇنياغا نەزەر سالساق، ئىقتىسادنىڭ %5.2 ئېشىش سەۋىيەسى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، جۇڭگو باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ «مۇقىم» ئەندىزىسى، «ئىلگىرىلەش» ۋەزىيىتى، «ئەۋرىشىملىك» ئالاھىدىلىكى ئۆزگەرگىنى يوق، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشتا پۇختا تىرەك بار.
كەسىپ قۇرۇلمىسى ئەلالىشىپ، دەرىجىسى ئۆسۈپ، يېڭى قۇۋۋىتى مۇقىم ئاشتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى تەرەپلەر يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شارائىتىغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇش، كونا-يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرتىپلىك ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 3-پەسىلدە، سانائەت بىر قەدەر ياخشى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.8 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ 1.7 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، كۆلەملەشكەن جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم %35.9 ۋە %16.7 كە يەتتى. دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مۆلچەر بۆلۈمى ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، تەتقىقاتچى يەن مىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ماكرو جەھەتتىن مىكرو جەھەتكىچە، ئومۇمىي جەھەتتىن يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى، شۇنداقلا ئىقتىسادىمىزنىڭ ئېشىشىغا مۇھىم تىرەك بولدى.
بۇ يىل دۆلىتىمىز تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ جايلارغا 300 مىليارد يۈەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم مەبلىغى چۈشۈرۈپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى قوللاپ، دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، «ھەقىقىي مەبلەغ» ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ياردەم بەردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %53.5 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 9.0 پوئېنت ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسىي موتورلۇق رولى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇلدى.
-9 ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە كونىسىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 8 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى، بۇ ھەر كۈنى 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يېڭى ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانغا باراۋەر. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كىردى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئەقلىي ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى يۇقىرى سۈرئەتتە سىجىل ئاشتى.
ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن؛ يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنى چىقىرىۋەتكەندە، ئاھالىلەرنىڭ يادرولۇق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى 0.6%ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 9- ئايدا %1.0 ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى ئۇدا بەش ئاي ئاشقان بولۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتى ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى گو ليەن مۇنداق دېدى: ئىچكى ئېھتىياج جەھەتتە، بولۇپمۇ ئىستېمال ئېھتىياجى جەھەتتە، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى نامايان قىلىندى، تاۋار ئىستېمالى جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلدى، داڭلىق ماركا بەرپا قىلىش سۈپەت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئىچكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى يەنىمۇ تېزلەتتى.
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى فۇ لىڭخۇي مۇنداق دېدى: پۈتۈن يىللىق كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنىلا بىر قەدەر كۆپ پايدىلىق شارائىت بار. تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، قىسقا مۇددەتلىك ئېشىش ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كونا ـ يېڭى قۇۋۋەتنىڭ مۇقىم ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھالقىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى جانلىق ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









