ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-21 14:37
جايلاردىكى بىر تۈركۈم نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، رايون ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشىدۇ.
دۆلەتنىڭ «14-بەش يىللىق» تاشيول تەرەققىيات پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلىدىغان تۈر G244 لىنىيەسىنىڭ چىڭياڭدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىدىكى كونترول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش خوشياڭگۇ پەۋقۇلئاددە زور چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئۆگزىسى يېقىندا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى. كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1813.5 مېتىر بولۇپ، ئاساسىي كۆۋرۈك Y شەكىللىك مۇنارلىق قوش ئارقانلىق قىلىپ لايىھەلەنگەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى كۆۋرۈك مۇنارلىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ، قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، بىخەتەرلىك خەتىرى يۇقىرى. تۈر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن ياۋزۇ مۇنداق دېدى: بۇ كۆۋرۈك قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قاتار قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى قىيىن نۇقتىلارنى يېڭىپ، كۆپ تۈرلۈك پاتېنت، قۇرۇلۇش ئۇسۇلىغا ئېرىشىپ، ئوخشاش تۈردىكى كۆۋرۈك مۇنارى قۇرۇلۇشىدىكى كۆپ خىل تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
G244 لىنىيەسىنىڭ چىڭياڭدىن ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 69.316 كىلومېتىر. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، لوڭدۇڭ رايونىنىڭ يول تورى قۇرۇلمىسى ئۈنۈملۈك ئەلالىشىدۇ. تۈر نەق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى فۇ دەيلىن مۇنداق دېدى: تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشى «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش، لوڭدۇڭ رايونىنىڭ تاشيول تورى قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، چىڭياڭنىڭ گۇەنجۇڭ تۈزلەڭلىكىدىكى شەھەر توپى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى ۋە كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نەنجىڭ شىمالىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇرۇلۇش قىلماقتا. ھازىر  ۋوگزالدىن چىقىش قەۋىتىنىڭ تۇنجى بۆلىكىگە بېتون قۇيۇش تاماملىنىپ، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسى قۇرۇلۇشى باسقۇچىغا كىردى. تۈر 2-تارماق بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى كاڭ شاۋجيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نەنجىڭ شىمالىي ۋوگزالى نەنجىڭدىكى بىردىنبىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، شەھەرلەر ئارا، ئادەتتىكى تۆمۈر يول بىر گەۋدىلەشكەن تۆمۈر يول تۈگۈنى. ئوتتۇرىدىكى مېترو رايونىنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي پۈتتى، مېترونىڭ ئوتتۇرا بۆلەك قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرىپىدىكى بېكەت ئۆيىنىڭ شەھەر رېلىس قەۋىتى ۋە كۆتۈرمە قەۋىتى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى 5-ئايدا ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆگزىسى ئومۇميۈزلۈك يېپىلىدۇ.
جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ 14-بەش يىلدىكى  نۇقتىلىق ئېنېرگىيە تۈرى بولغان شاڭراۋ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھازىر ئومۇميۈزلۈك ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى. قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ چىڭبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شاڭراۋ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 10 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇ ئادەتتىكى كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىغا قارىغاندا ھەر يىلى 200 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ بېرىدۇ، 420 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بېرىدۇ. ھازىر قۇرۇلۇش سۈرئىتى بىر قەدەر كۆڭۈلدىكىدەك بولۇۋاتىدۇ، 1-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىدۇ، 2-نومۇرلۇق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى كېلەر يىلى چاغاندىن بۇرۇن تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى

جايلار نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇردى