ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ 20-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-29 15:19

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا 20-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 يىل ئىلگىرى شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى كۇئالالۇمپۇردا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان، باشلىقلار يىغىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رايون مۇقىملىقى ۋە تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، خەلقئارا قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى، بۇ ناھايىتى كۈچلۈك رېئال قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى تەسىس قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ماس كېلىدۇ.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەسلى مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى چۆرىدەپ پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورتاق تىرىشىپ رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. بىرىنچى، كەڭ ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان ئاساسىي تونۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ھالقىلىق پەيتتە توغرا تاللاش ئېلىپ بېرىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا توغرا يۆنىلىشنى ساقلىغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەزكۇر رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قارالمىسى. ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك رايون ئەركىن سودا تورى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ بىرىكمە كۈچ توپلاش كېرەك. ئۈچىنچى، قائىدە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋەزىيەتتە قانچە داۋالغۇش بولغانسېرى خەلقئارا قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزىنى شۇنچە قوغداش كېرەك. قائىدىگە ئورتاق رىئايە قىلىش، بولۇپمۇ ب د ت نى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رايون رامكىسىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى قوللاش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسلاھاتنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رايوندىكى دۆلەتلەر كۆپ تەرەپچىلىك ۋە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى» گە ئەمەل قىلىپ، تىنچلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، رايون ھەمدە دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا «شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنىڭ 20 يىللىقى كۇئالالۇمپۇر خىتابنامىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەر ماقۇللاندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ 20-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇردا 20-نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.